خەيرىلىك كەچ تورداشلار ...
توربىكتىمىزدىكى رەسىملەر بەتنىڭ يۈكلىنىش سۈرئىتىگە ئۇدۇل تەسىر يەتكۈزىدۇ ، رەسىملەر چوڭ بولغانسىرى مۇلازىمىترغا كەلگەن بىسىممۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ .
توربىكەت سۈرئىتىمىزنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن بىز چوقۇم بىر رەسىم سىغىمىنى كىچىكلىتىدغان ئامالغا ئىھتياجلىق بولىمىز ، بۇ ئىقتدارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن مەن تۆۋەندىكى قىستۇرمىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ۋوردپىرىس قسىتۇرمىسى -- reSmush.it Image Optimizer
بۇ قىستۇرمىنى ئۇدۇللا ۋوردپىرىس قىستۇرما بازىرىدىن ئىزدەپ تاپالايسىز ، قىستۇرما ئىسمىنى ئىزدىتىپ قاچىلاپ قوزغاتىسڭىزلا بولىدۇ .
قسىتۇرمىنى قاچىلىغاندىن كىيىن بىزنىڭ ۋوردپىرىس ئارقا سۇپا كۆزنىكمىزنىڭ ، مىدىيا بۆلىكى ئىچىدە مەزكۇر قىستۇرمىنىڭ تەڭشەش بۆلەكلىرى ھاسىل بولىدۇ ، ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن تەڭشەپ ئىشلەتسەك بولىدۇ .
تەڭشەك تۈرى ئىچىدىن بىز ئۆزىمىزگە ماس كىلىدغان تۈرلەرنى ئىچىپ تەڭشەش قىلساق بولىدۇ ، رەسىم سۈپىتىنى پۈتۈن بىكەتتكى چىقارغان رەسىملەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن تەڭشسڭىز بولىدۇ .
مەزكۇر قسىتۇرما ھەقسىز رەسىم قىسش Api ئىغىز يولى ئارقىلىق رەسىملەرنى قىسىش بۇيرۇقى ئىلىپ بارىدۇ ، ھازىر بۇ قىستۇرما PNG , JPG , GIF فورماتىدكى رەسىملەرنى قوللايدۇ ، رەسىم چوڭلىقى ئەڭ كۆپ بولغاندا 5Mb بولسا بولىدۇ ، رەسىمنىڭ سانىغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ .
مەزكۇر قىستۇرما دۆلەت سىرتىدكى ئىغىز يولىنى ئىشلىتىدۇ ، ئۈنىمى ئادەتتىكچە ، لىكىن يەنىلا ئىشلتشىمىزگە ئەرزيدۇ ، شۇڭا تورداشلارغا تەۋسيە قىلدىم .
ئاپتور : بىلوگىر