خەيرىلىك كەچ تورداشلار ...
بەزىدە بىز يازما تەييارلىغاندا ئۆزىمىزنىڭ ئىكرانىدىكى كۆرۈنمە يۈزنى مىسال قىلىپ سۆزلەش ئۇدۇل كەلگەندە بىزگە كومپيۇتىرىمىزنىڭ كەسمە رەسىم (截图) ئىقتدارى بىزگە ناھايىتى قولايلىق ئىلىپ كىلىدۇ .
بىز سالون يازمىسى تەھرىرلىگەندە سالوندىكى تەھرىرلىگۈچ بىزنىڭ ئىكران يۈزىدىكى كەسمە رەسم ئۇچۇرلىرىنى يىشىپ ئۇقۇپ رەسىمنى بىۋاستە تەھرىرلىگۈچ يۈزىگە چىقىرالايدۇ ، بۇ بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى قولايلىق بولغان بىر ئىقتدار .
لىكىن بىز ۋوردپىرىس يازمىسىنى تەھرىرلىگەندە ۋوردپىرىس تەھرىرلىگۈچ بىزنىڭ كەسمە رەسىم ئۇچۇرلىرىمىزنى يىشىپ ئالالمايدۇ ، شۇڭا بىز ئاۋال بىرتالدىن رەسىمنى كىسىپ يەرلىككە ساقلىۋلىپ ئاندىن بىردىن بىردىن ۋوردپىرىسكە چىقىرپ تەھرىرلىگۈچ ئىچىگە قويشىمىزغا يوغرا كىلىدۇ .
بۇ ئاۋارچىلىقلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەن سىلەرگە ۋوردپىرىس كەسمە رەسىمنى تەھرىرلىگۈچكە ئەكىرىش قىستۇرمىسنى تەۋسىيە قىلىمەن ، ئۆزۈممۇ ئىشلەتكىنىمگە ئۇزۇن بولدى .
قىستۇرما ئىسمى -- The Paste
ۋوردپىرىس قسىتۇرما بازىرى ئىچىدىن ئىسمىنى ئىزدەپ قاچىلاپ قوزغىتىپ قويسىڭىزلا كۇپايە ، باشقا ئارتۇقچە تەڭشەشلەر لازىم ئەمەس ~~
قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئىكران يۈزىدە بىر قىتىم رەسىم كىسۋىلىپ ، ئاندىن مەزمۇن تەھرىرلەش رايونى ئىچدە چاپلىسڭىزلا رەسىم ھاسىل بولىدۇ ، ئەگەر كەسكەن رەسىمىڭىز بىر قەدەر چوڭ بولۇپ قالسا ، مۇلازمىترڭىزغا يوللنىپ بولغىچە سەل ساقلاپ تۇرۇڭ ~~
ئاپتور : بىلوگىر
1 تال ئىنكاس بار