ۋوردپىرىس مۇقىم ئۇلانما ۋە مۇھىت ھالىتى تەڭشكى

خەيرىلىك كەچ تورداشلار  ...

بۈگۈن ۋوردپىرىس توغرىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن ئورتاقلىشايلى !

ۋوردپىرىس بولسا بىر CMS باشقۇرۇش سۇپىسى ھىساپلىندۇ ، ئاددىي قىلىپ ئىيتقاندا ، ۋوردپىرىستىكى يازما ، بەت ، ساقلاش بىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممسى ساندان ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن كىلىدۇ ، مەيلى بىز ۋوردپىرىس ئارقلىق نەچچە مىڭلىغان يازمىلارنى يازغان بولساقمۇ ، لىكىن مۇشۇ بەتلەرنىڭ كىرىش ئىغىزى پەقەت بىرلا ، يەنى ئاساسىي مۇندەرىجىدكى [index.php] ھۆججىتى بولىدۇ .

ئادەتتە بىز ۋوردپىرىستكى يازمىلار ياكى بەتلەرنى توركۆرگۈچتە زىيارەت قىلىغاندا مانا مۇشۇ [index.php] ھۆججىتىنى زىيارەت قىلىمىز ، ئاندىن سېستىما بىز زىيارەت قىلغان شۇ بەتنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن ئومۇمىي ئۆزگەرگۈچ مىقدار ئاساسىدا سانداندىن شۇ بەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلىپ بەت ھاسسىلايدۇ ئاخىرىدا بىزگە شۇ ھاسىل بولغان بەتنى يوللاپ بىرىدۇ .

مىسالغا ئالساق :

ۋوردپىرىس قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ، سۈكۈتتىكى تەڭشەك ھالىتىدە ، بىز ۋوردپىرىس يازما ئادىرىسنى زىيارەت قىلساق بۇ يازمىنىڭ ئادىرىسى [ https://shiftt.cn/index.php?p=123 ] بولىدۇ ، بۇ ئادىرىس ئچىىدكى shiftt.cn بولسا بىزنىڭ تورنامىمىز ، index.php بولسا بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ۋوردپىرىس كىرىش ئىغىزى ھۆججىتى ، ئاخىردىكى p=123? بولسا ئۇلانما ئادىرىستىكى ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى 123 بولسا بىز زىيارەت قىلغان شۇ يازمىنىڭ ID نۇمىرىنى كۆرسىتىدۇ ، index.php مۇشۇ يازما ئادىرىسغا ئاساسەن ساندان ئىچىدكى سانلىق مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلىپ بىزگە بەت ھاسىللاپ ئاندىن كۆرسىتىپ بىرىدۇ .

مۇقىم ئۇلانما تەڭشىكى

​بىز توربىكتىمىزنىڭ ئۇلانمىلىرىنى تېخىمۇ كۆركەم ، بىر كۆرۈپ ئەستە ساقلىيالىغدەك ۋە ئىزدەش ماتورلىرىغا ئاسان بولىشى ئۈچۈن ۋوردپىرىس مۇقىم ئۇلانما ئىقتىدارىغا موھتاج بولىمىز ، ئۇلانمىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاسان ، ۋوردپىرىس ئاساسىي تەڭشىكى > مۇقىم ئۇلانما  [ 设置>固定连接 ]  كۆزنىكى ئىچىدىكى [ 朴素 ] دىگەن تەڭشەكتىن باشقا ئۆزىمىز ياقتۇرغان ئۇلانما شەكلىلىرنى تەڭشسەك بولىدۇ ، ئۆزگەرتىپ بوپ ساقلىۋەتكەندىن كىيىن ۋوردپىرىس مۇقىم ئۇلانما شەكلى بىز ئۆزگەرتكەن شەكلىگە ئۆزگىرىدۇ .

مەن ئۆزۈمنىڭ مۇقىم ئۇلانما تەڭشىكىمنى ئىلىپ چىقتىم تورداشلار كۆرۈپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ ، ئەڭ ئالدىدىكىسى بىزنىڭ تورناممىز ، ئاندىن category بولسا يازمىلارنىڭ سەھىپە ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ ، post_id بولسا  يازمىلارنىڭ ID نۇمىرىنى كۆرسىتىدۇ . ئاخىردا مەن يەنە بەت ئاخىرغا html فورماتىنىمۇ قوشۇپ قويدۇم . بۇنداق بولغاندا توركۆرگۈچنىڭ ئۇلانمىلارنى تىز سۈرەتتە بىر تەرەپ قىلپ ئىچىپ بىرىشىغا پايدىلىق .

مۇھىت ھالىتى تەڭشىكى

بىز توربىكتىمىزگە مۇقىم ئۇلانمىنى تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن قارىساق توربىكتىمىزنىڭ باش بىتىدىن باشقا بەتلىرى نورمال ئىچىلمايدۇ ، چۈنكى بۇ مۇلازىمىتىرنىڭ قايتا يۆنىلىش بەلگىلمىگەنلىكىدىن كىلىپ چىققان ھادىسە ، ئاددىي قىلىپ ئىيتقاندا بىز ۋوردپىرىس سۈكۈتتكى مۇقىم ئۇلانمىنى ئۆزگەرتكەندىن كىيىن توربەت نورمال ھالەتتە بەت ھاسىللىيالمايدۇ ، شۇڭا بۇيەردە بىز مۇلازمىتىرىمىزغا مۇھىت ھالىتىنى [伪静态] تەڭشەپ ئۇلانمىلارغا قايتا يۆنىلىش بەلگىلەپ نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدغان ھالەتكە ئەكىلىشمىز كىرەك .

ھازىر كۆپ ساندىكى تورداشلار Nginx مۇلازىمىتىرى ئىشلىتىدۇ ، ئاز ساندىكى تورداشلار Apache ئىشلىتىدۇ ، يۇقارقى مۇلازىمىترلارنىڭ ھەممىسگە ۋوردپىرىسنىڭ قايتا يۆنىلىش بەلگىلەش ئۇسۇلىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ ، تەڭشەش ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ئوڭاي .

Nginx مۇھىت ھالىتى

Apache مۇھىت ھالىتى

بىز باۋتانى ئىچىپ توربىكتىمىز خاسلىق تەڭشىكى ئىچىدكى [伪静态] دىگەن تاللاشنى تاللاپ ئىچىگە يۇقارقى كودلارنى سىلىپ قويساق بولىدۇ .

يىزىپ بولغاندىن كىيىن ساقلاپ مۇقىملاشتۇرۋىتىمىز ، ئاندىن بىزنىڭ توربىكتىمىز ئۆز خاسلىقىغا ئىگە بولغان ئۇلانمىلار ئارقلىق بىكتىمىزدىكى بەتلەرنى ۋە يازمىلارنى ئاچالايدۇ .

ئاپتور : بىلوگىر

Shift

我还没有学会写个人说明!

تەۋسىيە مەزمۇنلار

1 تال ئىنكاس بار

  1. بىلوگىر

    123

ئۈندىداردا سىكانىرلاڭ

ئۈندىداردا سىكانىرلاڭ

ئۈندىداردا سىكانىرلاڭ

ۋوردپىرىس مۇقىم ئۇلانما ۋە مۇھىت ھالىتى تەڭشكى

كۆرۈش

كۆرۈش

كۆرۈش

تەستىق كودى

Close